ۋۇخەن ۋىرۇسى ئامازون ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتىنىڭ بازىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى

ئامېرىكانىڭ ئالەمشۇمۇل ئېلېكترونلۇق سودا ماگىزىن زەنجىرى «ئامازون» يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Covid-19) سەۋەبىدىن توردا مال سېتىۋېلىشقا بولغان يۇقىرى تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكادا 100 مىڭ يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1379910
ۋۇخەن ۋىرۇسى ئامازون ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتىنىڭ بازىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامازوننىڭ دۇنيا تىجارىتى باشقۇرغۇچىلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دەيۋ كلاركنىڭ بىلوگ يازمىسىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئېلېكترونلۇق سودىدىكى تەلەپ ئېھتىياجى ۋە ئەمگەك ئېھتىياجىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

يازمىدا، ئاشقان تەلەپ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئامبار مەركىزى ۋە تارقىتىش تورىدا تولۇق ياكى يېرىم كۈن قوشۇمچە ئىشلەيدىغان ئىشلەيدىغان 100 مىڭ يېڭى خادىمنىڭ ئىشقا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىركەت خادىملىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن شىركەتنىڭ 350 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان يازمىدا يەنە، ئامېرىكىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ سائىتىگە 2 دوللار، ئەنگىلىيەدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سائىتىگە 2 فوندستېرلىڭ ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سائىتىگە 2 ياۋرو ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر