ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتتى
ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى (Fed) سىياسەتنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى%0-0.25 ئارىلىقىغا چۈشۈرۈپ، 700 مىليارد دوللارلىق كېڭىيىشنى باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتكە زىيان سالغانلىقى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە ئاقساپ قېلىشقا سەۋەب بولغانلىقى ۋە دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئېغىر تەسىرلەرگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا مەركىزى بانكاسىنىڭ باشلىقى جېروم پوۋېل (Jerome Powell) سىياسەت ئۆسۈمىنى %0-0.25 ئارىلىقىغا چۈشۈرۈشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىقتىسادتا يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمىزدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتە بولغانلىقىدىن ۋە باھانى مۇقىملاشتۇرۇشتەك نىشانىمىزغا يەتكەنلىكىمىزدىن تولۇق خاتىرجەم بولغىچە، بۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇشۇ سەۋىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
ئۇ 2020-يىلى 3-مارتتا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان ئەندىشەلەرنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 نومۇر تۆۋەنلىتىپ، 1-1,25 ئارىلىقىغا چۈشۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى ئۆسۈمنى چۈشۈرۈشى بىلەن، 1 ياۋرو 1.12 دوللارغا چىقتى. 6.30 لىرا 1 دوللار بولدى.
پىرېزىدېنت ترامپ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش قارارى سەۋەبلىك ئامېرىكا مەركىزى بانكاسىنى تەبرىكلەپ، ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.