خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىمەكتە

برېنت (خام) نېفىتنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى 34.23 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.

1377111
خام نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برېنت (خام) نېفىتنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى 34.23 دوللارغا چۈشۈپ قالدى؛ تۈنۈگۈن 39.59 دوللارغىچە ئۆسكەن برېنت نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى، بۈگۈن %4.5 تۆۋەنلەپ 34.23 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.

غەربىي تېكساس تىپىدىكى خام نېفىت ھەر ۋارىلى 31.56 دوللاردىن سېتىلىشقا باشلىدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ ئەزاسى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈنۈگۈن، 4 - ئايدىن باشلاپ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە دۇنيا بازىرىدىكى نېفىت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئەندىشىسى پەيدا قىلدى.

ئېھتىياج نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) نىڭ يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئاستىلىتىپ، نېفىت ئىستېمالىنى تۆۋەنلىتىشى باھانىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن بېسىم پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.


خەتكۈچ: #باھا , #نېفىت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر