تۈركىيە ئورمان ياڭىقى ئېكسپورتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيەدە يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئورمان ياڭىقى ئېكسپورتىدىن كىرگەن كىرىم بىر مىليارد 440 مىليون دوللارغا يەتتى.

1371911
تۈركىيە ئورمان ياڭىقى ئېكسپورتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2019 – 2020 – يىللىق ئېكسپورت مەۋسۇمىنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيى ئىچىدە 220 مىڭ 724 توننا ئورمان ياڭىقى ئېكسپورت قىلىندى، بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم بىر مىليارد 440 مىليون 71 مىڭ 919 دوللارغا يەتتى. بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە 167 مىڭ 68 توننا ئورمان ياڭىقى ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 950 مىليون 751 مىڭ دوللار كىرىم كىرگۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر