ئىستانبۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى بىر مىليوندىن ئاشتى
يانۋار ئېيىدا ئىستانبۇلغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 10 ئېشىپ، بىر مىليون 17 مىڭغا يەتتى.
1367612
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايانىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، يانۋار ئېيىدا ئىستانبۇلغا بىر مىليون 17 مىڭ 34 چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئىستانبۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىدا % 10.67 ئېشىش كۆرۈلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.