قاتار غەززەگە 14 مىليون دوللار ياردەم بېرىشنى قارارلاشتۇردى

قاتار غەززەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش كومىتېتى غەززەگە 14 مىليون دوللار ياردەم بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

قاتار غەززەگە 14 مىليون دوللار ياردەم بېرىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ھاماسنىڭ غەززە ئىشلىرى مەسئۇلى يەھيا ئەسسىنۋار قاتار غەززەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەلئىمادى  بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، ئۇدا 13 يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە قامال قىلىۋاتقان غەززەنىڭ شەرت – شارائىتىنى ياخشىلاش،  ئېلېكتىر ئىستانسىسىسغا تەبىئىي گاز لىنىيەسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. تەرەپلەر،  قاتارنىڭ غەززەدىكى 120 مىڭ ئېھتىياجلىق ھەر ئائىلىگە 100 دوللاردىن بولۇپ، جەمئىي 12 مىليون دوللار ياردەم بېرەش ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە 500 دوللاردىن تۇرمۇش قۇرۇش ياردىمى بېرىش مەسىلىسىدە پۈتۈشكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاتار يوقسۇللانىڭ ئۆيلىرىنى يېڭىلىشى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ياشلارغا، ئوقۇش راسخوتلىرىنى تۆلەپ دىپلوملىرىنى ئالالىشى ئۈچۈن بىرەر مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشنى قارارلاشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر