ئەردوغان: تۈركىيەگە مەبلەغ سالغۇچىلار ھېچقاچان پۇشايمان قىلمىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ قىلچە پۇشايمان قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: تۈركىيەگە مەبلەغ سالغۇچىلار ھېچقاچان پۇشايمان قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن پاكىستانغا يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە – پاكىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پاكىستان بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى ئاۋۋال بىر مىليارد دوللارغا، كېيىنچە 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە پاكىستاندىكى بىۋاسىتە سېلىنمىلىرىنىڭ 500 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە دۆلىتىمىزگە ئىشىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ھېچكىمنىڭ قىلچە پۇشايمان قىلغىنى يوق. پاكىستان خەلقى داۋالىنىش ئىشلىرىدا غەرب ئەللىرىنى تاللىماقتا. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە سەھىيە جەھەتتىن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلىپ، مەيلى مۇلازىمەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى داۋالىنىش چىقىرىملىرىنىڭ ئەرزانلىقى جەھەتتىن بولسۇن، غەرب ئەللىرىنىڭ خېلىلا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا، پاكىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋالىنىشتىكى يېڭى مەنزىلگاھى تۈركىيە بولۇشى لازىم.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «تۈركىيە – پاكىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدىن كېيىن، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر