ساياھەتچىلىكتە رېكورت يارىتىلدى

2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى %9.71 ئاشتى.

1355327
ساياھەتچىلىكتە رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى ئۈچ يىلدا تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەتچىلىكتىن قولغا كەلتۈرگەن كىرىم مۇقىم ئاشتى. ئۆتكەن يىلى (2019) جۇمھۇرىيەت تارىخىدا ساياھەت ۋە ساياھەتچىلىكتىن كىرگەن كىرىمىدا رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىش كۆرۈلدى.

تۈركىيە 2017-يىلى 38 مىليون 620 مىڭ ساياھەتچىدىن 26 مىليارد 283 مىليون دوللار كىرىم قىلدى. 2018-يىلى 45 مىليون 628 مىڭ ساياھەتچىدىن 29 مىليارد 512 مىليون دوللار كىرىم قىلدى. ئۆتكەن يىلى بولسا، تۈركىيەگە 51 مىليون 860 مىڭ ساياھەتچى كەلدى. بۇلاردىن 34 مىليارد 520 مىليون دوللار كىرىم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر