«<ۋۇخەن ۋىرۇسى> يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن»

ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى كرىستىن لاگاردې «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇش بەردى.

«<ۋۇخەن ۋىرۇسى> يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاگېردې فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇكاپات مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى خەۋپى ئازايغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بۇ ئۇرۇشقا يېڭى بىر مۇقىمسىزلىق ئامىلىنى ئىلاۋە قىلماقتا.»

ياۋروپا مەركەز بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى  پىلىف لانې، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان بىر كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ، ئۇنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر