ئامېرىكا ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ۋە ئورگاننىڭ باشلىقى ئەلى ئەلبەر سالىھىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ۋاشىنگتون ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ۋە ئورگاننىڭ باشلىقى ئەلى ئەلبەر سالىھىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بەزى مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە، خىتاي ۋە قىسمەن ياۋروپا شىركەتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر