خىتاي تۈركىيەدىن ماسكا تەلەپ قىلدى

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ماسكىغا بولغان تەلەپ ئاشتى.

1351068
خىتاي تۈركىيەدىن ماسكا تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە تۈركىيەدىكى تىببىي شىركەتلەردىن 200 مىليون ماسكا تەلەپ قىلدى.

ماسكا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيالغا ئايلاندى. دۇنيادا ئەڭ كۆپ ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي، تارقىلىشچان ۋۇخەن ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئىچكى تەلەپنى قاندۇرالمىغانلىقتىن چەت ئەللەرگە يۈزلەندى.

ماسكا ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت سەۋىيەسىدە بولغان تۈركىيە، خىتاي ماسكا ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى رەتتە تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر