«تۈركىيە – ئالجىرىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈچۈن قەدەم تاشلىنىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۈركىيە – ئالجىرىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1347978
«تۈركىيە – ئالجىرىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈچۈن قەدەم تاشلىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئالجىرىيەدە بىر مېھمانسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە – ئالجىرىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنبەرنىڭ تۈركىيەدىكى سودا دۇنياسى ۋە كارخانىچىلارغا نىسبەتەن، «يېڭى شېرىكلەر، يېڭى يۈزلىنىشلەر، يېڭى لايىھەلەر ۋە سېلىنمىلارنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ كەڭ ئېچىلىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىلىقىنى، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مەبلەغ سېلىش زېمىنى ھازىرلاپ بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان كۆپلىگەن قارارلارنى چىقارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە نۆۋەتتە 210 ئىقتىسادىي رايونغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان ۋە 222 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. 2002 – يىلى ئېكىسپورتىمىز 36 مىليارد دوللار ئىدى، بۇ يىل بۇ رەقەمنى 181 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدۇق. تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى يېقىنقى 17 يىل ئىچىدە % 381 ئېشىپ، 26 مىليارد دوللارغا، ئېكىسپورتىمىز بولسا 16 مىليارد دوللارغا يەتتى.»

تۈركىيە – ئافرىقا سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئالجىرىيەگە دوست ۋە قېرىنداش بىر دۆلەتتىنمۇ بەكرەك، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىرىدىن بىرى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى سودا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇلدا «3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە – ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى ئۇزۇندىن بۇيان 4 مىليارد دوللار سەۋىيەسىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۆز رايونلىىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا مەركەزلىرى بار بولغان دۆلەتلىرىىمىز ئۈچۈن بۇ رەقەم ئەلۋەتتە مۇھىمدۇر، ئەمما يېتەرلىك ئەمەستۇر. بۈگۈن پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تەببۇن ئالىيلىرى بىلەن سودا ئومۇمىي سوممىمىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى قارارلاشتۇردۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئورتاق باياننامە ئىمزالاپ، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ كېڭەشنىڭ بىر يىل تۈركىيەدە، بىر يىل ئالجىرىيەدە يىغىن چاقىرىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز، مىنىستىرلارنىڭ ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئىشىنىمىز.»

ئۇ يەنە، يېزا ئىگىلىك، ساياھەت، يېمەك – ئىچمەك، ئېنېرگىيە، نېفىت خىمىيەسى، مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىنىڭ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان ئاساسلىق ساھەلەر ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر