تۈركىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىىندېكسى نويابىر ئېيىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى.

تۈركىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،  تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىىندېكسى نويابىر ئېيىدا يىللىق نىسبەتتە % 5.1 ئاشقان، يىللىق ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە كانچىلىق ۋە تاش كانچىلىقى ساھەسىدە كۆرۈلگەن.

2019 – يىلى نويابىردا يىللىق كانچىلىق ۋە تاش كانچىلىقى ساھەسى ئىندېكسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 7.2، پىششىقلىما-ئىشلىمە كەسپى ئىندېكسى % 5.3 ئاشقان. ئايلىق نىسبەتتە بولسا، پىششىقلىما-ئىشلىمە كەسپى ئىندېكسى % 1.1 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر