تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەڭ كۆپ سۆرەش ئاپتوموبىلى ئېكسپورت قىلغان

تۈركىيە 2019-يىلى 869مىليون 803 دوللارلىق سۆرەش ئاپتوموبىلى ئېكسپورتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ ساھەدە 2018-يىلىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى تاشقى سودا رەقىمىگە يەتتى.

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەڭ كۆپ سۆرەش ئاپتوموبىلى ئېكسپورت قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپتوموبىل سانائىتى ئېكسپورتچىلىرى بىرلەشمىسى ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ 2019-يىلىنى 30.6 مىليارد دوللارلىق تاشقى سودا بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2019-يىلى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان سۆرەش ئاپتوموبىللىرىنىڭ كۆپى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە سېتىلغان بولۇپ، %64 لىك نىسبەت بىلەن گېرمانىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان ۋە ئېكسپورت سوممىسى 318 مىليون 431 مىڭ دوللارغا يەتكەن. بۇ سان 2018-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %13 تۆۋەنلىگەن. فىرانسىيە بىلەن پولشا گېرمانىيەنىڭ ئارقىدا تۇرغان بولۇپ، فىرانسىيەگە قىلىنغان سۆرەش ئاپتوموبىلى ئېكسپورت سوممىسى 120 مىليون 916 مىڭ دوللارغا يەتكەن. رەت تەرتىپى بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان پولشاغا قىلىنغان سۆرەش ئاپتوموبىلى ئېكسپورت سوممىسى 118 مىليون 767 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

ئىراققا قىلىنغان سۆرەش ئاپتوموبىلى ئېكسپورتى 2018-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %119.74 ئاشقان بولۇپ، 19 مىليون 444 مىڭ دوللارغا يەتكەن. چېخىيەگە قىلىنغان سۆرەش ئاپتوموبىلى ئېكسپورتى ئىراقتىن كېيىن تۇرغان بولۇپ، 2018-يىلى 15 مىليون 875 مىڭ دوللارغا يەتكەن بولسا، 2019-يىلى بۇ رەقەم %53.49 ئېشىپ، 24 مىليون 367 مىڭ دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر