مالاتيا گۈلەسى 110 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيەدىكى تەخمىنەن 17 مىليون ئۆرۈك دەرىخىنىڭ 8 مىليونى بار بولغان مالاتيادا، 50 مىڭغا يېقىن ئائىلە تۇرمۇشىنى گۈلە بىلەن قامدايدۇ.

مالاتيا گۈلەسى 110 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئانتەپ باقلاۋاسى ۋە ئايدىن ئەنجۈرىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدە جۇغراپىيەۋى بەلگە سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىنغان ئۈچىنچى مەھسۇلاتى بولغان مالاتيا گۈلەسى، ئۆتكەن يىلى 110 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى.

2019-يىلى مىقدار ۋە مەھسۇلات جەھەتتىن ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر تەرتىپى بويىچە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە بولغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر