«تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا يەتكۈزىدىغان «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

1337272
«تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
putin-erdogan Turkakim1.jpg
Türkakim acilis.jpg
putin Turkakim.jpg
putin-erdogan Turkakim.jpg
erdogan Turkakim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى خەلىج يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن  مۇراسىمغا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكسانساندار ۋۇچىچ ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئەردوغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ رۇس دوستلار بىلەن بىلەن تۈركلەرنىڭ مىسلىسىز مېھنەتلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇ لايىھەنىڭ ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەم ئېنېرگىيە خەرىتىسى جەھەتتىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ لايىھە پىلان بويىچە بىر يىل ئىچىدە تاماملاندى. لايىھە سايىسىدا 31.5 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گازنىڭ 15.75 مىليارد كۇب مېتىرلىق قىسمى ۋاسىتىچى ھېچقانداق بىر دۆلەت بولماستىنلا بىۋاسىتە تۈركىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق باسقۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىدى. جۈملىدىن رۇسىيە – تۈركىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە ئەسلا رايونلۇق سۈركىلىشلەرنىڭ كويىدا بولمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ. شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە چەتكە قېقىلغان ھېچقانداق بىر لايىھەنىڭ ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىران – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە كەلسەك، ئۇرۇش قوڭغۇراقلىرى چېلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق بىر پەيتتە، بارلىق دىپلوماتىك قاناللاردىن پايدىلىنىپ، سۈركىلىشنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ھېچكىمنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى دەپ  ئىراق قاتارلىق پۈتكۈل رايوننى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىش ھوقۇقى يوقتۇر.   قولىدىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، رايونىمىزدا قان ۋە كۆز ياشلارنىڭ دەريا بولۇپ ئېقىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نە ئىراقنىڭ، نە سۈرىيەنىڭ، نە لىۋاننىڭ، نە پارىس قولتۇقى رايونىنىڭ ۋاكالەت ئۇرۇشلىرىنىڭ سەھنىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمىز.»

پۇتىن مۇنداق دېدى: «تۈرلۈك توسالغۇلارغا قارىماي تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر ساھەدە بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈشى پۈتكۈل ياۋروپا ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا شەرق رايونىدا سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرى بار. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە بولسا رايوندا تىنچلىق ھەم مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.»

نۇتۇقلاردىن كېيىن، «رۇسكايا قىسىش ئىستانسىسى» بىلەن «قىيىكۆي ئېلېكتىر ئىستانسىسى» بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان سىمۋوللۇق كىلاپاننىڭ ئېچىلىشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر