خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ 2020 - يىللىق ئىقتىسادىي گۈللىنىش مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ھەيئىتى، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل 0.2%، 2020 – يىلى بولسا، 3% ئېشىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1331359
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ 2020 - يىللىق ئىقتىسادىي گۈللىنىش مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىدا ئىجابىي ئېشىشنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدە تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئىلاستىكىلىق ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھات پىلانىغا ئېھتىياج بارلىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

دوكلاتتا، پۇل سىياسىتىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى ئۈزۈل – كېسىل تۆۋەنلىتىشكە مەركەزلىشىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

بازار بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن تۈرك لىراسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ئىمپورتنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن كۈچلۈك ساياھەتچىلىكنىڭ دائىملىق ھېساباتنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىنىشىغا ھەسسە قوشقانلىقىغا دائىر قاراشلارغا ئورۇن بېرىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر