دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ مىقدارى ئېنىق بولدى

تۈركىيەنىڭ  دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە بېرىدىغان ياردەملىرىنىڭ مىقدارى 20 مىليون لىرا قىلىپ بېكىتىلدى.

1329464
دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ مىقدارى ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسلانغاندا، 3212 – نومۇرلۇق قانۇن دائىرىسىدە 2020 – يىلى كېلىشىم تۈزۈلمەستىنلا دوست ياكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە، بۇ دۆلەتلەردىكى دۆلەت ئورۇنلىرىغا، ۋەياكى خۇسۇسىي ئورۇنلار ۋە تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان مال – مۈلۈك، خىزمەت ۋە ئىقتىسادىي ياردەم قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇلنىڭ مىقدارى 20 مىليون لىرا قىلىپ بېكىتىلگەن. قارار دائىرىسىدە بۇ مىقدارغا ئالاقىدار  تىزىملىككە مۇناسىۋەتلىك 37 ماددا بار بولۇپ، تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان مال - مۈلۈك ھەدىيە قىلىش ۋە خىزمەت جەھەتتىن ياردەم بېرىش كېلىشىم تۈزۈلمەستىنلا لايىھە ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. قاراردا ئەسكەرتىلىشىچە،  تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان ماتېرىياللار ۋە خىزمەتلەرنىڭ ھەدىيە سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن كېيىن ئەمەلىيلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر