OPEC كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارارلاشتۇردى

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە بۇ تەشكىلاتتىن سرىتقى دۆلەتلەر كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 500 مىڭ ۋارىل ئازايتىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىدى.

1319259
OPEC كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قارار ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ 7 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىدا ماقۇللاندى.

قاراردا، 2018 – يىلى دېكابىردىن بۇيان كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە 1.2 مىليون ۋارىل ئازايتىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مىقدارنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ 2020 – يىلى مارتنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى ۋەزىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۈندىلىك نېفىت  ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 500 مىڭ ۋارىل ئازايتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا چۈشىدىغان ئۈلۈشنىڭ 167 مىڭ ۋارىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ  كۈندىلىك نېفىت  ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى خالىسانە ھالدا يەنە 400 مىڭ ۋارىل  ئازايتىدىغانلىقىنى،  نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن سرىتقى دۆلەتلەر ئازايتىدىغان كۈندىلىك نېفىت  ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ  1 – يانۋاردىن باشلاپ كۈنىگە 2.1 مىليون ۋارىل بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ قاراردىن كېيىن خام نېفىتنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر