لاگاردې: دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تۇرغۇنلۇق ياۋرو رايونىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلەپنى تۆۋەنلىتىۋەتتى

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى كرىستىيان لاگاردې، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تۇرغۇنلۇق ۋە ئېنىقسىزلىقنىڭ ياۋرو رايونىنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىگە بولغان تەلەپنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

لاگاردې: دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تۇرغۇنلۇق ياۋرو رايونىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلەپنى تۆۋەنلىتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى كرىستىيان لاگاردې ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئىشلىرى كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، ياۋرو رايونى ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنىڭ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىكى تۇرغۇنلۇق ۋە ئېنىقسىزلىق داۋام قىلماقتا. بۇ ئەھۋال ياۋرو رايونى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىگە بولغان تەلەپنى تۆۋەنلىتىۋېتىش بىلەن بىرلىكتە سودا ۋە سېلىنمىلارغا تەسىر كۆرسەتمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر