ئوقتاي: 2018 - يىلى تۈركىيەگە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى %12.6 ئاشتى

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، 2018 – يىلى دۇنيا مىقياسىدا بىۋاسىتە سېلىنمىلارنىڭ مىقدارىنىڭ %13 ئازايغان بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيەگە كەلگەن سېلىنما مىقدارىنىڭ %12.6 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

1314723
ئوقتاي: 2018 - يىلى تۈركىيەگە سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى %12.6 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىنىڭ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ 2020 – يىللىق خامچوتىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

سېلىنما ئىشخانىسىنىڭ، دۆلەتكە 2018 – يىلى 518 مىليون 750 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوقتاي، بۇ دائىرىدە 1106 ئادەمگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، «ئاممىۋى خىزمەتلەردە ئۇچۇر ۋە سۈنئىي ئەقىل ئەپلىرىنى پائال ئىشلىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، مىللىي سۈنئىي ئەقىل ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىشى نىشان قىلىنماقتا» دېدى.

ئوقتاي يەنە، «2002 – يىلى 66 بولغان مۇداپىئە سانائىتى لايىھەسى سانى نۆۋەتتە 700 گە يېقىنلاشتى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر