ئەردوغان: تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىدا دۇنيا بويىچە 7 – ئورۇندا تۇرىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە 7 -، ياۋروپا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1310340
ئەردوغان: تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىدا دۇنيا بويىچە 7 – ئورۇندا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بەشتەپە مىللىي كېڭەش ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە چاقىرىلغان «3 – نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى كېڭىشى» يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئورمان ياڭىقى، جنەستە، ئۆرۈك ۋە بېھى  ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىمىز، 195 دۆلەتكە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىۋاتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ ئۇرۇق گېن بانكىسىنى 250 مىڭ ئۆرنەك ئىقتىدارى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئۇرۇق ئېكىسپورتىمىزنى 11 ھەسسە ئاشۇرۇپ، 102 مىڭ توننىغا، ئېكىسپورتتىن كىرگەن كىرىم مىقدارىمىزنى بولسا 152 مىليون دوللارغا يەتكۈزدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر