تەيۋەن تۈركىيەگە 100 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سالىدۇ

تەيۋەن پولات ساھەسىدە تۈركىيەگە 100 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سالىدۇ.

1306590
تەيۋەن تۈركىيەگە 100 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن تاشقى سودا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋالتېر يېھ، تەيۋەننىڭ تۈركىيەگە سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ پولات ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان شىركىتىمىز، كوجائەلىدە 100 مىليون دوللارلىق بىر پولات زاۋۇتى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تەيۋەن بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلېكترون، ئاپتوموبىل ۋە سانائەت ساھەسىدە مۇھىم ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر