بورسا ئىستانبۇل تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ

بورسا ئىستانبۇل ئورگىنىنىڭ باش دىرېكتورى مەھمەت ھاقان ئاتىللا تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1306586
بورسا ئىستانبۇل تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاقان ئاتىللا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا  مۇنداق دېدى: «پۇل – مۇئامىلە سىستېمىسىدا مىللىي پۇلىمىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدۇق، بورسا ئىستانبۇل ھەممىمىز پەخىرلىنىدىغان مىللىي قىممەتكە ۋە كۈچلۈك بىر ماركىغا ئايلاندى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى  پېرېۋوت توختاملىرى ۋە كەچلىك مۇلازىمەت ۋاقتى قاتارلىق بەگىلىمىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر