زەيتۇن ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيەنىڭ 2018 – 2019 - يىللىق زەيتۇن ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى.

1305480
زەيتۇن ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن 2018 -2019 – يىلللىرى 141 مىليون 574 مىڭ دوللارلىق زەيتۇن ئېكسپورت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن رېكورت يارىتىلدى.

ئەڭ كۆپ ئېكسپورت  قىلىنغان دۆلەت 35 مىليون 874 مىڭ دوللار بىلەن گېرمانىيە بولدى. گېرمانىيەدىن قالسا نۆۋەت بىلەن، ئىراققا 3 مىليون 952 مىڭ دوللارلىق، رۇمىنىيەگە 19 مىليون 760 مىڭ دوللارلىق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 11 مىليون 358 مىڭ دوللارلىق، بۇلغارىيەگە 6 مىليون 211 مىڭ دوللارلىق زەيتۇن ئېكسپورت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر