خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ياۋرو رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي گۈللىنىش مۆلچەرىنى %1،3 دىن %1.2 گە، 2020 – يىللىق مۆلچەرىنى بولسا، %1.5 دىن %1.4 گە تۆۋەنلەتتى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ «ياۋروپانىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئەھۋالى – نويابىر ئېيى» دوكلاتىدا، ياۋرو رايونىنىڭ 2019 ۋە 2020 – يىللىق ئىقتىسادىي گۈللىنىش مۆلچەرلىرى %0.1 تۆۋەنلىتىلىپ، تەرتىپى بويىچە %1.2 ۋە %1.4 گە چۈشۈرۈلدى. دوكلاتتا، بۇ ئۆزگەرتىشكە «ياۋرو رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان گېرمانىيەدىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە رايوننىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان ئىتالىيەدىكى تۇرغۇنلۇق» نىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تەشكىلات، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىش مۆلچەرىنى %0.8 دىن %0.5 گە، فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىش مۆلچەرىنى %1.3 دىن %1.2 گە چۈشۈردى.

ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى بولسا، %1.3 دىن %1.2 گە چۈشۈرۈلدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، «ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى زەئىپلىكنىڭ تەسىرىدە ئاستىلىدى. رايوننىڭ كۆپىنچە دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاستىلىشى تاشقىي سەۋەبلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر