خىتاينىڭ يۈك پويىزى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

خىتايدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان، شۇنداقلا مارمارا تۆمۈر يولىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا يېتىپ بارىدىغان تۇنجى يۈك پويىزى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

1301577
خىتاينىڭ يۈك پويىزى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى
china railway express ankara3.jpg
china railway express ankara2.jpg
china railway express ankara1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان يۈك پويىزىنىڭ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شىئەن شەھىرىدىن يولغا چىققان «خىتاي تۆمۈر يول ئېكسپرېس» (ChinaRailwayExpress) پويىزىنىڭ بۈگۈن (6-نويابىر) ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ تەرەققىيات-دۆلىتىمىز ئىجرا قىلغان شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشچانلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنىڭ يېڭى ئۆرنىكىدۇر.»

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا قاتناش ئاساسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىللىققا ئىگە بىر-بىرىگە بولغان باغلىنىشچانلىقنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ ھەسسىلەرنى قوشقانلىقى تەكىتلىنىپ: «بۇ مەقسەتكە ئەڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدۇ، دەپ قارالغان ۋە ھازاردىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورى دائىرىسىدە، رايوندىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاش داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.

شىئەندىن يولغا چىققان شۇنداقلا مارمارا تۆمۈر يولىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا يېتىپ بارىدىغان تۇنجى يۈك پويىزى، ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىدا مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

مۇراسىمغا، قاتناش مىنىستىرى جاھىت تۇرھان، سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۆمۈر يوللىرى ئىدارىسى باش مۇدىرى ئەلى ئىھسانئۇيگۇن، قازاقىستان دۆلەت تۆمۈر يوللىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ساۋات ميىنبايېۋ، ئەزەربەيجان مۇئاۋىن ئىقتىساد مىنىستىرى نىيازى سەفەروۋ، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومىنىڭ سېكرىتارى خۇ پېڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاتناشتى.

تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى جاھىت تۇرھان شىئەن شەھىرىدىن يولغا چىققان ۋە 42 يۈك ئاپتوموبىلىغا تەڭ كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى توشۇپ ماڭغان پويىزنىڭ 820 مېتىر ئۇزۇنلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، 42 كانتېينېر بارلىقىنى، ئىككى قىتئە، 10 دۆلەت ۋە ئىككى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، 11 مىڭ 483 كىلومېتىر يولنى 12 كۈندە باسىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مەزكۇر لايىھەنىڭ دۆلەتلەرگە سودا كىرىمى ئاتا قىلىشتىن باشقا، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، مەدەنىيەتلەر ئارا تەسىرچانلىقنى تېزلەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەگىچە ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي يېتىپ كەلگەن پويىزنىڭ، چېخىيە پايتەختى پىراگادا تارىخىي سەپىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈك پويىزى تۈركىيەدە ئاھىلكەلەك، كارس، ئەرزۇرۇم، ئەرزىنجان، سىۋاس، قەيسەرى، كىرىككالە، ئەنقەرە، ئەسكىشەھىر، كوجائەلى، ئىستانبۇل (مارماراي) ۋە كاپىكۇلە (ئەدىرنە) قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر