تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قازاقىستانغا 275 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سلېىنما كومىتېتى، 2019 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قازاقىستانغا مەبلەغ سالغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

1300431
تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قازاقىستانغا 275 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سلېىنما كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەتكە جەلپ قىلىنغان بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىسىنىڭ مىقدارى 2018 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %3.1 چېكىنىپ، 12 مىليارد 100 مىليون دوللار بولغان.

2019 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قازاقىستانغا مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر ئارىسىدا گوللاندىيە 3 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق سېلىنمىسى بىلەن بىرىنچى رەتتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2 مىليارد 900 مىليون دوللار بىلەن ئىككىنچى، شىۋېيتسارىيە 1 مىليارد دوللار بىلەن ئۈچىنچى، خىتاي 922 مىليون دوللار بىلەن تۆتىنچى، رۇسىيە 632 مىليون دوللار بىلەن بەشىنچى، فىرانسىيە 537 مىليون دوللار بىلەن ئالتىنچى، بېلگىيە 516 مىليون دوللار بىلەن يەتتىنچى، ئەنگلىيە 336 مىليون دوللار بىلەن سەككىنچى، تۈركىيە 275 مىليون دوللار بىلەن توققۇزىنچى، ياپونىيە 214 مىليون دوللار بىلەن ئونىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قازاقىستانغا 147 مىليون 900 مىڭ دوللار مەبلەغ سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر