ترامپ: ئامېرىكا – خىتاي سودا سۆھبىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1298984
ترامپ: ئامېرىكا – خىتاي سودا سۆھبىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە «سودا كېلىشىمى» نىڭ دەسلەپكى قىسمىنىڭ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەنە ئىككى قىسمى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكىدا بىر يەردە  «سودا كېلىشىمى» نى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بەزى ئامېرىكا دائىرىلىرى «سودا كېلىشىمى» نىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىمزالىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭنىڭمۇ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن 3 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر