رۇسىيە نىگېرىيەدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرىدۇ

رۇسىيە ئافرىقا قىتئەسىدىكى نېفىت مەنبەلىرى مول نىگېرىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرىدۇ.

1294786
رۇسىيە نىگېرىيەدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن گاربا شېھۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن، رۇسىيە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش، چىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدە نىگېرىيەگە ياردەم بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە سوچىدا چاقىرىلغان «رۇسىيە – ئافرىقا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە، نىگېرىيە سۇ تەۋەلىكىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى، نىگېرىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مېلې كيارى بىلەن رۇسىيە نېفىت گۇرۇھى شىركىتى لۇكېئوئىلنىڭ باشلىقى ۋاگىت ئالېكپېروۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغانىدى.

نىگېرىيە سوچىدا چاقىرىلغان يىغىندا،  رۇسىيە بىلەن « Mi-35 » تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر