تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلماقتا

مۇستەقىل سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرراھمان قائان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1294068
تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىكى كەينىگە چېكىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئالاقىدار مۆلچەرلەرگە قارىماي ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان  پېرېۋوت نىسبىتى ھۇجۇملىرىنى تېزلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئېكىسپورت ئىشلىرىنىڭمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر