ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيەدە ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 2.1 ئاشتى.

1293338
ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىگە ئالاقىدار دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركەز بانكىسى ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇرغان راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 2.1 ئاشقان. سېنتەبىر ئېيىدا % 55.8 بولغان كۆرسەتكۈچ قىممىتى ئۆكتەبىر ئېيىدا % 57 كە ئۆرلىگەن.

بۇ مەزگىلدە ئائىلىلەرنىڭ ماددىي ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىش كۆرسەتكۈچى % 1.1 ئېشىپ، % 74.8 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر