Volkswagen Turkey شىركىتى قۇرۇلدى
مەركىزى گېرمانىيەدىكى ئاپتوموبىل شىركىتى Volkswagen تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتىدە 943.5 مىليون لىرالىق سەرمايىلىق شىركەت قۇردى.
1281260
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەت ئاپتوموبىل، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ھەر خىل موتورلۇق ئاپتوموبىللار ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ زاپچاسلىرىنى لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش، سېتىش، ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.