تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى سېنتەبىر ئېيىدا 15.22 مىليارد دوللارغا يەتتى.

1281246
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان  تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت ئىشلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئالدىنقى يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئېكسپورت مىقدارىنىڭ % 22.7 لىك ئېشىش بىلەن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئېكسپورت مىقدارى سېنتەبىر ئېيىدا % 15.7 ئېشىپ، 15 مىليارد  220 مىليون دوللارغا يەتتى. دەسلەپكى 9 ئاي ئىچىدە % 2.56 لىك ئېشىش بىلەن 132 مىليارد 505 مىليون دوللارغا يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر