ئانتاليا ساياھەت نىشانىغا يېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

ئانتاليا ساياھەتچىلەر سانىنى 16 مىليونغا يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

ئانتاليا ساياھەت نىشانىغا يېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئانتاليا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيى ئىچىدە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 17 لىك ئېشىش بىلەن تەخمىنەن  13 مىليون چەت ئەللىك ساياھەتىنى كۈتۈۋالدى.

1 – يانۋاردىن 27 – سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا شەھەرگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 12 مىليون 623 مىڭ 247 گە يەتتى. بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە شەھەرگە 193 دۆلەتتىن 10 مىليون 793 مىڭ 757 ساياھەتچى كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىدا % 17 لىك ئېشىش كۆرۈلدى.

ئانتالياغا 1 – سېنتەبىردىن 29 – سېنتەبىرگىچە 2 مىليون 118 مىڭ 4 چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلدى. بۇلتۇر شەھەرگە سېنتەبىر ئېيىدا بىر مىليون 838 مىڭ 279 چەت ئەللىك ساياھەتچى كەلگەنىدى.

ساياھەت ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھاۋا قاتنىشىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلدى. سېنتەبىر ئېيىدا ئانتاليا ئايرودۇرۇمدا تاشقى لىنىيەلەردە 10 مىڭ 827 ئايروپىلان قوندى، 10 مىڭ 842 ئايروپىلان قوزغالدى. ئىچكى لىنىيەلەردە بولسا 4 مىڭ 25 ئايروپىلان كېلىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر