«توماس كۇك گوللاندىيە» تارمىقى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى

ئەنگلىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان توماس كۇك (Thomas Cook) ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، گوللاندىيەدىكى تارماق شىركەت بولغان «توماس كۇك گوللاندىيە» مۇ ۋەيران بولدى.

«توماس كۇك گوللاندىيە» تارمىقى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توماس كۇك گوللاندىيە شىركىتى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. شىركەتنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، شىركەتنىڭ ئامستېردام سوتىغا ۋەيران بولغانلىقىنى سۇنغانلىقىنى ۋە قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، توماس كۇك گوللاندىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ياكى ياۋروپادىكى باشقا توماس كۇك شىركەتلىرى بىلەن داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«توماس كۇك بېلگىيە» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئوخشىمىغان تەرەپلەر بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، زۆرۈر بولغان قىسقا مۇددەتلىك پۇل-مۇئامىلە مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى، شۇڭا شىركەتنىڭ رەسمىي ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، توماس كۇك بېلگىيەنىڭ 91 شۆبىسى ۋە 501 خىزمەتچىسىنىڭ بارلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان توماس كۇكنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۇچرىشىشلىرى مۇقۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى 150 مىڭدىن ئارتۇق ئەنگلىيە پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر