ھىندىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ۋە بىھار ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 140 قا يەتتى.

ھىندىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ «‹ Press Trust of India› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەسئۇللار يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى ۋە قازالار سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ  ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدە  111 گە، بىھار ئۆلكىسىدە  29 غا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىھار ئۆلكىسىنىڭ پاتنا شەھىرىدە تالاپەتكەن ئۇچرىغان كەم دېگەندە 4 مىڭ كىشى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

باش مىنىستىر نارېندرا مودى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئورتاق خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر