رىياد ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىچكى تەلەپنى قامدىيالىغۇدەك دەرىجىگە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان، ئارامكونىڭ نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن قايتىدىن ئىچكى ئېھتىياجنى قامدىغۇدەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە يېقىنلاشقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

رىياد ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىچكى تەلەپنى قامدىيالىغۇدەك دەرىجىگە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكونىڭ نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن قايتىدىن ئىچكى ئېھتىياجنى قامدىغۇدەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە يېقىنلاشقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان، سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپاغا بايانات بېرىپ، ئېتان گازىدا ئىچكى تەلەپنىڭ كۈدىلىك 940 مىليون كۇبمېتىر ئىكەنلىكىنى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بولسا كۈندىلىك 900 مىليون كۇبمېتىرغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ مۇساپىدە ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ، خەلقئارا بازارنىڭ ئىشەنچىلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكونىڭ ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىنىڭ 14 – سېنتەبىردە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

يەمەندىكى ھۇسىيلار، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن مەزكۇر ۋەقەنى 10 دانە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورتچىسى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم تۈپەيلى، دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىدا كۈندىلىك 5 مىليون 700 مىڭ ۋارىل قىسقىراش بولغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر