« تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى»

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «تۈركىيە – ئىران سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

1272678
« تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەكجان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا دۇنياسىغا قولايلىق ھەم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تاللاش خاراكتېرلىك سودا كېلىشىمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سودا ئومۇمىي سوممىسىنى قايتىدىن يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر