سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ھۇجۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى ۋەزىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان دۆلەتتە نېفىت بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى ئارامكوغا ئائىت مۇئەسسەسەلەرگە  قىلىنغان ھۇجۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى.

1271665
سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ھۇجۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەلمان جىددەدە بەرگەن باياناتىدا، ئارامكو شىركىتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى نېفىت بولغان تەلەپلەرنى ئىسكىلاتلاردىكى نېفىت بىلەن قاندۇرۇش ئارقىلىق ئاد اقىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دۆلىتىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە 11 مىليون ۋارىلغان، نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسا 12 مىليون ۋارىلغا يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سەلمان، ھۇجۇملارنىڭ ئارامكو شىركىتىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن % 50 تىنى 5.7 مىليون ۋارىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىسمىنى توختاتقاندىن سىرت يەنە، نېفىت بىلەن بىرلىكتە چىقىدىغان تەخمىنەن 2 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ توسالغۇ بولغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە دۆلىتىنىڭ بۇ ئايلىق نېفىت ئېكىسپورت قىلىشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ ئالدىنقى ئايلارغا قارىغاندا مۇقىم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارامكو ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ياسىر ئەررۇمەييان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇملار سەۋەبىدىن ئارامكو شىركىتىنىڭ بورسادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى،  پاي چەكلىرىنىڭ بازارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كەلگۈبسى 12  ئاي ئىچىدە دەل ۋاقتىدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر