تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا رېكورت يارىتىلدى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا 20 يىلدىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1271190
تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «مىللىي شىركىتىمىز بولغان تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ بۇ يىلقى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 50 مىڭ ۋارىلدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلغان بولدى.»

2018 – يىلى تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 42 مىڭ 330 ۋارىلغا يەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر