رۇخسار پەكجان: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە بارلىق توسالغۇلارنى يېڭەلەيدۇ

سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان ئامېرىكا ۋە تۈركىيە بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ، بارلىق توسالغۇلارنى يېڭەلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇخسار پەكجان: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە بارلىق توسالغۇلارنى يېڭەلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇخسار پەكجان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسمۇ ئىشتىراك قىلغان تۈركىيە سودا - سانائەتچىلەر ۋە پايچىك بازىرى بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى خىزمەت زىياپىتىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

مىنىستىر رۇخسار پەكجان ۋىلبۇر روس بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىقىدارى، قابىلىيەتلىرى ۋە كۆرسەتكۈچى ھەققىدە ساھەنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۈنۈملۈك يىغىنلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇخسار پەكجان تۈپ مەقسىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان 100 مىليارد دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپرىل ئېيىدىكى ۋاشىنگىتون زىيارىتىدىن ئېتىبارەن ۋىلبۇر روس بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دائىرىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە كۈتكەنلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رۇخسار پەكجان، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانغا يېتىش ئۈچۈن سودا سانائەت ساھەسى ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

رۇخسار پەكجان ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى بىلەن بىرگە بەزى ساھەلەردە سودىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ھەر ئىككى دۆلەت بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ بارلىق توسالغۇلارنى يېڭەلەيدۇ. ھۆرمەتلىك روس ئەپەندىنىڭ 5 كۈنلۈك بۇ زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئۆز ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا نە قەدەر جىددىي قارىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھۆرمەتلىك روس ئەپەندى بىلەن زىيارىتى بويىچە بارلىق ساھەلەرنى بىرلىكتە ئانالىز قىلدۇق» دېدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسمۇ «بىز بۇ يەرگە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مەنپئەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كەلدۇق. تۈركىيە ئامېرىكىغا بىۋاستە مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر قاتارىدا 15ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىشلىرى 700 مىليون دوللار بولۇشتەك يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بۇلارنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر