ئامېرىكا كۇبالىق كۆچمەنلەرگە پۇل چەكلىمىسى قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەتتە ياشاۋاتقان كۇبالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئەۋەتىۋاتقان پۇل مىقدارىغا چەكلىمە قويدى.

ئامېرىكا كۇبالىق كۆچمەنلەرگە پۇل چەكلىمىسى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۇبالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئەۋەتىۋاتقان پۇل مىقدارىنىڭ ئۈچ ئاي ئىچىدە مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى قارارلاشتۇردى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يېڭى قانۇن – بەلگىلىمە دائىرىسىدە كۇبادا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يوقلارنىڭ پۇل ئەۋەتىشىگە يول قويۇلمايىدكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پۇل – مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئەۋەتىدىغان پۇل مىقدارىغىمۇ چەكلىمە قويۇلىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراو ئوباما، 2009 – يىلى كۇبا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەنگەن خىزمەتلەر نەتىجىسىدە كۇبالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئەۋەتىدىغان پۇل مىقدارىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوبامانىڭ كۇبا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ پەقەت قارشى تەرەپكىلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نورماللىشىش باسقۇچىنى بىكار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر