تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيى ئېكسپورت كۆرسەتكۈچىدە ئۆرلەش كۆرۈلدى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئېكسپورتىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيى ئېكسپورت كۆرسەتكۈچىدە ئۆرلەش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، تۈركىيەنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئېكسپورتىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، «ئاۋغۇست ئېيىدا ئېكسپورتىمىز %1.69 ئېشىپ 13 مىليارد 150 مىليون دوللارغا يەتتى» دېدى.

مىنىستىر پەكجان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا ئېكسپورتىمىز %2.9 ئېشىپ، 117 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتتى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا %69.2 بولغان ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتقا سېلىشتۇرما نىسبىتى 2019 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە %85.6 گە ئۆرلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇھسار پەكجان، سودا سودا قىزىل رەقىمىنىڭمۇ ئاۋغۇست ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %9.88 تۆۋەنلەپ، 2 مىليارد 376 مىليون دوللار بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر