رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە تەييارلانماقتا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك (Vladivostok) شەھىرىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئارقىدىن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پىرېزىدېنت پۇتىن رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي-تېخنىكا ساھەسىدە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ھەمكارلىقىمىز، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمىمىزنى يەنە 10 يىل ئۇزارتىش خىزمەتلىرىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ھىندىستان بىلەن بولغان سودىدا ئۆزلىرىنىڭ پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ھىندىستان بىلەن سودىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ پۇل بىرلىكىنى ئىشلىتىشنى كۆپەيتىپ، رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ پۇل يۆتكەش سىستېمىسى بىلەن بانكالار ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىيەتلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايمىز» دېدى.

ئۇ ھىندىستان بىلەن ئەركىن سودىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش بىلەن سودا تۈرلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قوشۇمچە پۇرسەتلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ ئورتاق نىشانىمىزغا ۋە يېقىن كەلگۈسىدە كېلىشىم ئارگىنالى تەييارلاشقا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلەر پات ئارىدا باشلىنىدۇ» دېدى. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە بىلەن زاپچاسلارنى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى ئىمزالىدۇق. بۇ بارلىق سانائىتىمىزنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەشتۈرىدۇ. رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر