پامۇققەلئەنى 3 ئايدا 1 مىليوندىن كۆپرەك ساياھەتچى زىيارەت قىلدى

پامۇققەلئە ئاق رەڭلىك تاغلىرى، شىپالىق ئارشاڭ سۇلىرى ۋە ئانتىك شەھەرلىرى بىلەن ھەر يىلى ياز مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر دولقۇنىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

تۈركىيەنىڭ نۇقتىلىق ساياھەت مەركەزلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان شۇنداقلا ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا كۈلتۈر مىراسى تىزىملىكىگە كىرگەن پامۇققەلئەنى ئىيۇن ئېيىدىن ئاۋغۇست ئېيىغىچە بولغان مەزگلىدە تەخمىنەن 1 مىليون 100 مىڭغا يېقىن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلدى. 

پامۇققەلئە ئاق رەڭلىك تاغلىرى، شىپالىق ئارشاڭ سۇلىرى ۋە ئانتىك شەھەرلىرى بىلەن ھەر يىلى ياز مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر دولقۇنىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. 

دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىن كېلىدىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە يازلىق تەتىلىنى پۇرسەت دەپ قارىغان يەرلىك ساياھەتچىلەرنىڭمۇ قوشۇلىشى بىلەن رايوندا گويا پۇت تىققۇدەك يەرمۇ قالمىغان ھالەت شەكىللەندى. 

پامۇققەلئە 2017يىلى بىر مىليون 524 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولسا، 2018يىلى 2 مىليون 128 مىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

پامۇققەلئەنى بۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن ئاۋغۇست ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدىلا تەخمىنەن 1 مىليون 100 مىڭ ساياھەتچى زىيارەت قىلدى. 

يىل بېشىدىن بۇيان پامۇققەلئەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 1 مىليون 800 مىڭغا يەتتى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر