ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى

ئىقتىسادىي ئىشەنچ (ئىستېمال ۋە ئىشلەپچىقىرىش باھا) كۆرسەتكۈچى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكەن ئايغا سېلىشتۇرغاندا %7.9 ئېشىپ %80.7 دىن %87.1 گە ئۆرلىدى.

1260132
ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئاۋغۇست ئېيىغا ئالاقىدار ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىپ، كۆرسەتكۈچنىڭ بۇ ئايدا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا %7.9 ئېشىپ %87.1 گە ئۆرلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كۆرسەتكۈچتىكى ئېشىش، ئىستېمالچى، ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، مۇلازىمەت، پارچە سېتىش ۋە قۇرۇلۇش ساھەلىرىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچلىرىدىكى ئېشىشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىكەن.

ئاۋغۇست ئېيىدا ئىستېمالچىلار باھا (ئىشەنچ) كۆرسەتكۈچى %58.3، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى باھا كۆرسەتكۈچى %102.1، مۇلازىمەت ساھەسى باھا كۆرسەتكۈچى %89.1، پارچە سېتىش ساھەسى باھا كۆرسەتكۈچى %95، قۇرۇلۇش ساھەسى باھا كۆرسەتكۈچى %55.5 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر