ئەردوغان موسكۋادا تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا ھەجىمىنىڭ 25 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى، نىشاننىڭ بۇنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1259288
ئەردوغان موسكۋادا تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى يەرمەنكىسى (ماكس-2019) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

«ماكس»نى ئۆز ساھەسىنىڭ بايراقدار يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بىزنىڭمۇ بۇ يىل 14- قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن IDEF يەرمەنكىمىز بار. 2019 – يىلى 14 – سېنتەبىردىن 22 – سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تېكنوفېستىۋال پائالىيىتىگە بولسا، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ھۆرمەتلىك پۇتىن باشتا بولۇپ پۈتكۈل رۇس خەلقىنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنولوگىيەلىرىدە گېپى ئۆتىدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەمىزنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتى ئىككى يېرىم مىليارد دوللارغا يەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سەمىمىي ۋە قويۇق دىيالوگنىڭ چوڭقۇر شۇنداقلا كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقنى ئۇزۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بۇ يىل 6 مىليونغا يېقىن رۇس ساياھەتچىنىڭ دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئارىمىزدىكى سودا ھەجىمىي 25 مىليارد دوللاردىن ھالقىدى. نىشانىمىز 100 مىليارد دوللاردۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر