تۈركىيە ھەسەل ئېكسپورت سودىسىدا 12 مىليون دوللار كىرىم قىلدى

تۈركىيە ھەسەلى دىكابىر ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە بولغان ئارلىقتا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا تەم قوشتى.

تۈركىيە ھەسەل ئېكسپورت سودىسىدا 12 مىليون دوللار كىرىم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 2945 توننا ھەسەل ئېكسپورت قىلىپ، 12 مىليون 857 مىڭ 187 دوللار كىرىم قىلغان. 

ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئارىسىدا گېرمانىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

گېرمانىيەگە بۇ مەزگىل ئىچىدە 3 مىليون 721 مىڭ 396 دوللارلىق 1038 توننا ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى.

ئامېرىكا 2 مىليون 459 مىڭ 724 دوللارلىق ھەسەل سېتىۋىلىش بىلەن ئىككىنچى، سەئۇدى ئەرەبىستان 2 مىليون 6 مىڭ 874 دوللارلىق ھەسەل بىلەن ئۈچىنچى، كۇۋەيت 852 مىڭ 418 دوللارلىق ھەسەل ىلەن تۆتىنچى ۋە ئاۋستېرىيە 458 مىڭ 396 دوللارلىقق ھەسەل سېتىۋىلىش بىلەن بەشىنچى بولدى.

بۇ مەزگىلدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ھەسەل ئېكسپورت قىلىنمىغان خىتاي، بۇلغارىيە، لىۋىيە، شىۋېتسىيە، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، بوسنىيە گىرېتسىگوۋېنا، گېرىتسيە سومالى، موڭغولىيە، ئافغانىستان ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر