ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 10 مىليون 5 مىڭ 323 كە يېتىپ، تارىختىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ئانتاليا ۋە غازىپاشا ئايرودۇرۇملىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1 – يانۋاردىن 22 – ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا ئانتاليا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشقان. جۈملىدىن، بۇ يىل 1 – يانۋاردىن 22 – ئاۋغۇستقىچە ئانتالياغا 10 مىليون 5 مىڭ 323 ساياھەتچى كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، شەھەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىدا % 17 لىك ئېشىش كۆرۈلگەن. نەتىجىدە، تارىختىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلغان.
بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە ئانتالياغا 6 مىليون 609 مىڭ 636 ساياھەتچى، يىلنىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە بولسا 8 مىليون 586 مىڭ 11 ساياھەتچى كەلگەن.
ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كەلگەن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە بىرىنچى، گېرمانىيە ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.